خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ماي ئاچقان يىغىنىدا بىر ئائىلىنىڭ ئۈچ بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش قارارىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى خىتاي نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، 31-ماي يىغىن ئاچقان. يىغىندا تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ۋە نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش تەكىتلىنىپ، بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئۈچ بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەدبىرى ئېلان قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 11-ماي 7-نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەسلىك ۋە نوپۇس قېرىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. ئۆتكەن ئون يىلدا خىتايدىكى نوپۇسنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %0.53 بولۇپ، ئالدىنقى ئون يىلدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن %0.04 تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 15 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %63.35 بولۇپ، بۇ نىسبەت ئون يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.79 تۆۋەنلىگەن. 60 ياشتىن ئاشقانلار %18.70 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، 10 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.44 ئۆرلىگەن.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشى ئاساسەن ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە تايانغان. ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن شىركەتلەر مۇۋاپىق خىزمەتچى تېپىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق يۈكىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس كىرىزىسى ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ خاتا نوپۇس سىياسىتىدىن، بولۇپمۇ بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇشتىن كېلىپ چىققان. خىتاي ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا نوپۇس كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتايدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ كەم بولۇش، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. شۇ سەۋەبلىك خىتاي سىياسىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغان.

بۇ خەۋەر 1134 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2021 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق