د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 29-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسانى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقنى ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندىم، ئىنىم بىگۇناھ بولۇشىغا قارىماي، ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىنىم مېنىڭ خىتايغا قارشى قىلغان پائالىيىتىم ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم ئۈچۈن جازالاندى» دېگەن.
ئۇ يەنە 2019-يىلى ئاپىسىنىڭ جازا لاگېرىدا قازا قىلغانلىقى، 2020-يىلى دادىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، 2021-يىلى ئىنىسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، خىتاينىڭ گۆرۈگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىقتۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خۇشتار ئەيسا 1996-يىلى شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى رېستوراندا ئىشلىگەن، كېيىن ئاقسۇدىكى شوپۇرلۇق مەكتىپىدە يېتەكچى بولغان. ئۇ 2017-يىلى خىتاي تەرىپىدىن «تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە ئىككى يىل لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغان.
د ئۇ ق نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ داۋاملىق ئۆچ ئېلىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەرنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، 2016-يىلى ئاتالمىش «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»نى ئىجرا قىلغاندىن بۇيان، 250 مىڭ كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلغانلىقى، 2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىگە قاماش نىسبىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىگە قارىغاندا بەش ھەسسە ئاشقانلىقى، ئۇيغۇر بىلەن قازاقلار ھەر دائىم «تېررورلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ياكى «مىللىي ئۆچمەنلىككە كۈشكۈرتۈش» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 922 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2021 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق