ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار يېڭى قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى 28-ماي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار بىر قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«تەيۋەن دىپلوماتىك باھالاش قانۇنى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە «تەيبېينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ۋەكىللىرى ئورنى»نىڭ نامىنى «تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئورنى»غا ئۆزگەرتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بىرەد شېرمان (Brad Sherman)بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سىتىۋ چابوت (Steve Chabot)بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە تەيۋەن ئەمەلدارلىرى ۋە دىپلوماتلىرى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ۋىزىسىنى ئالالمايدىكەن، پەقەت مەبلەغ سالغۇچىلار ۋىزىسى ئالالايدىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى رەسمىي ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان بولۇپ، «تەيۋەن دىپلوماتىيەسىنى تەكشۈرۈش قانۇنى» غا ئاساسەن، تەيۋەن ئەمەلدارلىرىغا ماس كېلىدىغان يېڭى ۋىزا يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىللىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرىدىكەن.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 29-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇ دوستانە ھەرىكىتىگە رەھمەت ئېيتقان. شۇنداقلا ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردە قانۇن ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاكتىپ ۋە دوستانە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ئىجرائىيە ئورگىنىدىكى دوستلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى نېگىزلىك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2021 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق