‎خىتاي ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى



‎سانجى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى» شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
‎خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 29-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش يىغىنى ئاچقان. يىغىنغا شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
‎يېغىدا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو: «قەتئىي تەۋرەنمەي كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش خىزمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچەش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
‎خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇننى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تارقىتىپ بېرىلگەن. مەزكۇر قانۇندا 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
‎خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان.

بۇ خەۋەر 1348 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2021 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق