گېرمانىيەدە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نامايىش ئىزچىل داۋاملاشماقتا

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 15-ماي كۈنىدىن باشلاپ ھەر شەنبە داۋاملىشىۋاتقان 2022-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقى 29-ماي گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى داڭلىق مارىن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ قېتىملىق نامايىشقا ئېفانگېلىستلارنىڭ باۋاريا ئۆلكىسى ۋەكىلى راينېر ئوچسلېن ۋە ئۇيغۇرلارغا ئاۋاز قوش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى ئامالىيا خانىم قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇلار نۇتۇقلىرىدا 2022-يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نامايىشى ھەققىدىكى چاقىرىقلارنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان.
بۇندىن بۇرۇنقى نامايىشلار مىيۇنخېن شەھىرىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى داڭلىق مەيدانلاردا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن چېدىرلار، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى ئىپادىلەنگەن رەسىم ۋە پىلاكاتلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1299 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2021 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق