خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش o مەنبەسى يېقىنقى كۈنلەردە قايتىدىن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋىرۇسقا ئالاقىدار ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن چارشەنبە كۈنى ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سەۋەبىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئاقساراينىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېڭەش پالاتاسى 26-ماي كەچتە يېڭى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى دېۋىن نۇنېس(Devin Nunes)16-ماي پىرېزىدېنت بايدېنغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭدىن ھۆكۈمەتكە ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقىلىپ كەتكەن سۈنئىي ۋىرۇس بولۇشى مۇمكىنلىكى، ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە مىليون دوللارلىق خىراجىتىگە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەكتۇپتا يەنە: «بىز تەكشۈرۈش جەريانىدا ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ۋاسىتىلىك پاكىتلارنى بايقىدۇق. بۇ ئېھتىماللىقنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ خىتاينىڭ كۆپ تەرەپلىك بىيولوگىيەلىك ئەدلىيە تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 953 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2021 13:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق