ئىتالىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى ئەيىبلىدى

زىمىستان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-ماي ئىتالىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئەيىبلەش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان.
پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىشى نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنغان قاراردا شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك، جازا لاگېرلىرى ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرى ئەيىبلەنگەن.
ئىتالىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋە باشقا خەلقئارا مۇستەقىل تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ جىنايەتلىرى توغرىسىدىكى دەلىللىرى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما بۇ قاراردا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 994 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2021 19:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق