خىتاي ئەرەب دۇنياسىغا قارىتىلغان يالغان تەشۋىقاتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن 27-ماي ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىنغا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ 20 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز يىغىندا سۆز قىلىپ: «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى مىسلىسىز ياخشىلاندى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، قارشى ئالىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.
يىغىندا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى كۆرسىتىلگەندىن سىرت، ئاتالمىش دىنىي زاتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىش، ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن باستۇرۇش، دىنغا قارشى تېررور سىياسىتى يۈرگۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ خىراجەت ئاجرىتىپ، يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە. ئانالىزچىلارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى غەرب ئەللىرىدە كۆپ ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1030 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2021 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق