ئاۋسترالىيە خىتاي شىركىتىنىڭ دارۋىن پورتىدىكى ئىجارە ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىن خىتاي شىركىتىنىڭ دارۋىن پورتىدىكى ئىجارە ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەندۇڭ لەنچياۋ گۇرۇھى ئاۋسترالىيەنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى رەت قىلىپ، دارۋىن پورتىغا سالغان مەبلىغىنىڭ پەقەت سودا قارارى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئاۋسترالىيە ئىجارە توختىمىنى بىكار قىلسا، شىركەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي شىركىتى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيەدىكى دارۋىن پورتى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتى كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دارۋىن پورتى ئوق-دورا، ئۈسكۈنىلەر ۋە يېقىلغۇلارنى قاچىلاش-چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ماتېرىياللارنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى ۋە ئاۋسترالىيە قىسىملىرى ئىشلىتىدىكەن. مەزكۇر پورت دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلىشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى 2015-يىلى دارۋىن پورتىنى شەندۇڭ لەنچياۋ گۇرۇھىنىڭ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن 99 يىللىق ئىجارىگە بېرىش قارارىنى تەستىقلىغان. بۇ توختامنىڭ قىممىتى 506 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى بولۇپ، تەخمىنەن 392 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. خىتاي شىركىتىنىڭ مەزكۇر پورتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى يېقىنقى مەزگىللەردە قايتىدىن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 992 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2021 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق