تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا شېھىت قىلىنغانلار ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

يېڭى شەپەق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-ماي تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتىدىكى بىر مەسچىتتە پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندا شېھىت بولغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلغان.
مانىسا ۋىلايىتىنىڭ دېمىرجى رايونىغا جايلاشقان ئالاجا مەسچىتىدە جامائەت جۈمە نامىزىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندە شېھىت بولغان مۇسۇلمانلارغا ئاتاپ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇغان. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن ۋە باشقا جايلاردا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ تېزلىكتە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى، ۋاپات بولغانلارنىڭ شېھىتلىك ماقامىغا يېتىشى ئۈچۈن ئوپچە دۇئا قىلغان.

بۇ خەۋەر 1108 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2021 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق