ئامېرىكا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بىر بېلىقچىلىق شىركىتىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 28-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ داليەن ئوكيان بېلىقچىلىق گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەپ، تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تىركىشىشىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى ئىكەن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرائىيە مەسئۇلى تىروي مىللېر (Troy Miller) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «قانۇن ئىجرائىيە خادىملىرى بېلىقچىلارغا قارىتىلغان 11 خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىللەرنى بايقىغان. ئۇلار بېلىقچىلارغا جىسمانىي جەھەتتە زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئىشلىتىش، قەرز تۇزىقى قۇرۇش، ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ۋە خورلاش قاتارلىق مۇئامىلىلەردە بولغان» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى مەزكۇر خىتاي شىركىتىگە تەۋە 32 پاراخوتنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىكەن. مەسئۇل خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پاراخوتلار خىتاي، ھىندونېزىيە ۋە سېنېگال دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىن جايدا ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھىندونېزىيەلىك ئىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەتنىڭ كونسېرۋا، ئەرمەك ھايۋان يېمەكلىكلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن.

بۇ خەۋەر 985 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2021 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق