تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يەتتە مىڭغا چۈشتى (28-ماي)

28-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 7773 كە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 220 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 7773 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 656 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 164كىشى قازا قىلىپ، 12284 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 83 مىڭغا، قازا قىلغانلار 47134 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1454 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 656 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2021 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق