ئىستانبۇلدا قۇرئان تاماملىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا رامىزان ئېيىدا قۇرئان تاماملىغان ياش-ئۆسمۈر قارىيلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ساخاۋەتچى بايلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمدە بولغان.
مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، پائالىيەتكە ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان ساخاۋەتچى بايلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قارىيلارنى تەبرىكلىدى.
ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قارىيلارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، قۇرئان يادلاش ۋە قۇرئان ئوقۇشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پەزىلىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
مەزكۇر مۇكاپاتقا 12 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان 26 قىز قارىي، 102 ئوغۇل قارىي تاللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رامىزاندا قۇرئان كەرىمنى تاماملىغانلىقىنى تەبرىكلەش ۋە ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە مۇكاپات تارقىتىلدى. ئۇلار ئىچىدىن يەنە ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز قارىي ئالاھىدە ماختاشقا ئېرىشتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىزلارغا بىردىن ئالتۇن زەنجىر بىلەن تەقدىرنامە، ئوغۇللارغا بىردىن ۋېلىسىپىت بىلەن تەقدىرنامە تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، مۇكاپاتلارنى پائالىيەتكە قاتناشقان جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئۆلىمالار تارقىتىپ بەردى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى قارىي قىز تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئۇستازلىرىغا، پائالىيىتى تەشكىللىگۈچى ۋە قوللىغۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان بوستان يېپىلىش سۆزى قىلدى.

بۇ خەۋەر 1327 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2021 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق