خىتاي خاككېرلىرى ساختا سالاھىيەت قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان

يېقىندا «تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەتقىقاتى» ناملىق تور بېكەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ساختا ب د ت ھۆججەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىگە خەتەرلىك ۋىرۇس ئورنىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان تور خاككېرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نامىدا ساختا تور بېكەت قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى كىشىلەرنى نىشان قىلغانلىقى، ئاساسلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان ۋە بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان كىشىلەرنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە، بۇلتۇردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ بارلىقى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە پاكىستاندىكى كىشىلەرنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 848 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2021 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق