خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان بولۇپ، يېقىنقى نەچچە يىلدا غايەت زور مىقداردىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇلدىن خىتاينىڭ جېڭجۇغىچە بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان يەتتە يىل ئىچىدە خىتايغا توشۇلغان ئومۇمىي توك مىقدارى 237 مىليارد 241 مىليون 900 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قومۇلدىن خىتاينىڭ جېڭجۇغىچە بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توكنى خىتايغا توشۇش قۇرۇلۇشى 2014-يىلى 27-يانۋاردىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈش ئۇچى بولغان قۇمۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىدىكى ئېلېكتىر تورى ئاتالمىش «شىنجاڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش شىركىتى»نىڭ تەڭرىتاغ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىدىن باشلانغان. ئۇنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇچى خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرى جۇڭجوۋ تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش پونكىتىدا بولۇپ، توك يەتكۈزۈش مۇساپىسى 2192 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 237 مىليارد 241 مىليون 900 مىڭ كىلوۋات سائەتلىك توكنى خىتايغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى 190 مىليون توننىدىن ئارتۇق، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى بىر مىليون 800 مىڭ توننىدىن ئارتۇق، ئازوت ئوكسىدلىرىنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارى بىر مىليون 540 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئازايغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مۇھىت بۇلغايدىغان سانائەت مەركەزلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستانغا سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردۇق» دېگەن تەشۋىقاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بىلەن بىرگە، مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1251 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2021 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق