ئامېرىكا-ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن ئېچىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي سىياسىتى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتايغا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەتلەر توغرىسىدا داۋاملىق كېڭىشىشكە ۋەدە قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان (Wendy Sherman) 26-ماي بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى ستېفانو ساننىنو (Stefano Sannino) بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمكارلىق، رىقابەت ۋە تۈزۈم خاراكتېرلىك تىركىشىش قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلامغا چېتىلىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ خىتايغا قارىتا ئورتاق ئەندىشىسى بارلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى، خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسى ۋە دېموكراتىيەسىنىڭ بۇزۇلۇشى، خىتاينىڭ سىرتقا قارىتا ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قىلمىشلىرى، رايون بىخەتەرلىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇندىن باشقا ئىككى تەرەپ يەنە، تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، قورالنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ئاكتىپ ئالاقە ئورنىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ يەنە 15-ئىيۇن يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا خىتايغا قارىتا بىرلەشمە ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشقا قوشۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن خىتاي مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت مېخانىزمى ئورناتقان.

بۇ خەۋەر 811 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2021 11:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق