خىتاي «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»گە قارشى ھۇجۇمىنى باشلىدى

«تەڭرىتاغ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 25-ماي مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»گە ھۇجۇم قىلغان.
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 4-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، سوت كوللېگىيەسى ئالاقىدار خىزمەت تەرتىپى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ بولالمايۋاتقان بىر پەيتتە، مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 25-ماي بېيجىڭدا بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، سوت كوللېگىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان.
خىتاي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نى ئەيىبلەپ، «بۇ بىر ساختا سوت»، «خەلقئارا قانۇن-تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى»، «بۇ شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئاممىسىغا قارىتىلغان ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ بىلجىرلىغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ بىلەن ئېلىجان ئانايەت سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى، گۇۋاھلىقلارنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پۇل يىغىپ بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بىر نەچچە كىشىنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى قايتا تەكرارلىغان.

بۇ خەۋەر 903 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2021 11:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق