تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سەككىز مىڭغا چۈشتى (27-ماي)

27-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 8426 كە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 219 مىڭدىن ئارتۇق تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 8426 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 673 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 183 كىشى قازا قىلىپ، 13102 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 70 مىڭغا، قازا قىلغانلار 46970 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1504 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 689 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2021 11:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق