خىتاي ئامېرىكىدىن يەنە ئۆچ ئالدى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ يېقىندا دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلغان خىتاي ئەمەلدارىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قارارىغا قارشى ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 26-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق ھەيئەت ئەزاسى جونى مورغا (Johnnie Moore) جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئۇ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېنغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جونى مور بۇ يىل 14-مايدا ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىن ئىستېپا بەرگەن. مەزكۇر كومىتېت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىدىغان بولۇپ، ھەيئەت ئەزالىرىنى پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىكەن. جونى مور ھازىر ئۆزى قۇرغان ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، شۇنداقلا ئامېرىكا خىرىستىيان رەھبەرلىك مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 12-ماي پارلامېنتقا «2020-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىللىق دوكلاتى»نى سۇنغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ بىدئەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى چېڭدۇ ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى يۈ خۇينى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشقا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭغا جازا ئېلان قىلىپ، يۈ خۇي ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئەيىبلەپ، بۇ دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن تولغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 792 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2021 15:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق