ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسىنىڭ خىتايدىن كەچۈرۈم سورىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە چېلىشچى جون سېنا يېقىنقى بىر زىيارەتتە تەيۋەننى دۆلەت دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە خىتاي مەستانىلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغان بولۇپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.
جون سېنا 25-ماي تەيۋەن تېلېۋىزىيە قانىلى TVBS نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ رول ئالغان «سۈرەت ۋە ھېسسىيات» يۈرۈشلۈك فىلىمىنىڭ ئەڭ يېڭى بۆلۈمىگە باھا بېرىپ، تەيۋەننىڭ بۇ كىنو تۇنجى قويۇلغان دۆلەت بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەيۋەننى دۆلەت دەپ سۈپەتلىشى خىتايدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خىتايلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق جون سېنانىڭ كىنوسىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
جون سېنا خىتايلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىسقا ۋىدىيو تارقاتقان. ئۇ ۋىدىيودا خىتايچە سۆزلىگەن ھالدا خىتايلاردىن ئەپۇ سوراپ: «مەن زىيارەت جەريانىدا خاتالىق ئۆتكۈزدۈم. ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى مەن خىتاينى ھۆرمەتلەيمەن، مەن خىتايلارنى ياخشى كۆرىمەن. خاتالىقىم ئۈچۈن ھەقىقەتەن كەچۈرۈم سورايمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇنىڭ خىتاي مەستانىلىرىدىن كەچۈرۈم سورىشى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. ئامېرىكىنىڭ بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى بۇ ئارتىسنىڭ كەچۈرۈم سورىغان ۋىدىيوسىنى «ئېچىنىشلىق» دەپ سۈپەتلىگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنى «قورقۇنچاق» دەپ ئەيىبلىگەن سادالار كۆتۈرۈلگەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي رېجىمى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك ئېڭىنى قوزغاش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرىگە، تەيۋەن مەسىلىگە قارشى مەيداندا تۇرغان شىركەت، ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.
ئالدىنقى مەزگىللەردە H&M، نايك، ئادىداس قاتارلىق بىر تۈركۈم دۇنياۋى شىركەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، خىتايلاردا بۇ ماركىلارنى بايقۇت قىلىش دولقۇنى قوزغالغان ئىدى.
ئوخشاشلا، ئامېرىكىدىكى راكېتا ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى دارىل مورېي خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزلىرىنىڭ NBA بىلەن بولغان توختامنى بىر يىل بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا 2019-يىلى داڭلىق تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازمىسى سەۋەبلىك، خىتايلارنىڭ بايقۇت قىلىشى ۋە ھاقارەتلىرىگە دۇچ كەلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە بازار ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچكە ئىگە داڭلىق شەخسلەرنى ۋاسىتىلىك كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بولسا ئىقتىسادىي مەنپەئەتى سەۋەبلىك خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2021 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق