گېرمانىيە تاراتقۇلىرى: خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ساختا تەشۋىقاتى غەرب دۆلەتلىرىدە ئانچە چوڭ تەسىر قوزغىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلى «بۈگۈنكى گېرمانىيە»نىڭ خەۋەر تور بېكىتى 26-ماي «رەزىل ۋە كۈچلۈك تەشۋىقات» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تەنقىدلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەلىپىگە يول قويماي كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە توقۇلما سىنلارنى ئىشلەپ تارقىتىش، ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتكەن.
خىتاي يەنە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب سىياسىيونلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، غەربنىڭ خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قاراتقان تەنقىدلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەنقىدلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك دىنىي ۋە مەدەنىيەت باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى دوكلات ۋە تەتقىقاتلارغا قارىتا، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېكايە سۆزلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى بىر قىسىمى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نىشانلىق، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچى كەمچىل، سۇيىقەست نەزەرىيەسىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق