ۋاڭ يى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى

26-ماي كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللانغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ۋە ناتسىستلار دەۋرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ياۋروپالىق دوستلىرىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
ۋاڭ يى مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ 57-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قارارىنى ئەيىبلىگەن.
ۋاڭ يى يەنە خىتايدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى مەدەنىيەت پەرقى باھانىسى بىلەن پەردازلاشقا ئۇرۇنغان بولۇپ: «خۇددى خىتايچە ۋە غەربچە تاماقلاردا چوكا ياكى ۋىلكا ئىشلىتىش پەرقلىق بولغىنىغا ئوخشاش، بۇ (سىستېما)نىڭمۇ ئالاھىدە سەۋەبى بار» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1142 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2021 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق