بايدېن خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى گۇمانلار خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا قايتىدىن غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراي 26-ماي بايانات ئېلان قىلغان باياناتتا پىرېزىدېنت بايدېن ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 90 كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە دوكلات تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ۋىرۇسى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تارقالغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر دۇنيا مىقياسىدا 168 مىليون ئادەم يۇقۇملانغان، كەم دېگەندە ئۈچ مىليون 500 مىڭ ئادەم قازا قىلغان. ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىش بىلەن سودا تالاش-تارتىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانغان.
ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدىن كەلگەنلىكىنى ۋە ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا تارقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئامېرىكا تاراتقۇلىرى يېقىندا ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىنىڭ تەجرىبىخانا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تېخىمۇ كۆپ دەلىللەرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كېتىش نەزەرىيەسىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تەجرىبىخانىلىرىنىڭ ۋىرۇس تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايدېن بۇيرۇق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئەگەر يۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بەلگىلەش ھەققىدىكى ئىلمىي مەسىلە سىياسىيلاشتۇرۇلسا، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تېپىش تەس بولۇپلا قالماي، بەلكى يۇقۇم ئەۋج ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېگەن.
بۇلتۇر سابىق پىرېزىدېنت تىرامپ ۋىرۇسنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سەيشەنبە نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىگە بىلدۈرگەن سۆزىدە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ھازىر بولسا ھەممەيلەننىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2021 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق