خىتايدىكى تاشلىۋېتىلگەن بىر مىس كېنى ۋىرۇس مەنبەسى ھەققىدىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتتى

ئالدىنقى كۈنلەردە بىر قىسىم تاراتقۇلاردا ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشتىن نەچچە ئاي بۇرۇن ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 25-مايدىكى يەنە بىر خەۋىرى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىگە يەنە بىر قېتىم دىققەت قاراتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان تاغلىق رايونىدىكى بىر تاشلاندۇق مىس كېنىدا نۆۋەتتە تارقىلىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ۋىرۇس بايقالغان بولۇپ، بۇ جاي دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلى 4-ئايدا ئالتە كان ئىشچىسى بۇ كانغا كىرىپ، شەپەرەڭلەرنىڭ نىجاسەتلىرىنى تازىلىغاندىن كېيىن بىر نامەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئۈچى ئۆلگەن. كېيىن ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مەزكۇر كانغا كېلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىپ كەتكەن ۋە يېڭى تىپتىكى بىر نەچچە تاجىسىمان ۋىرۇسنى دەلىللىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىيال، ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىش ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا، دەپ قاراپ كەلگەن بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلارمۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەققىدىكى پىكىرلەرنى قوللاشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 662 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2021 17:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق