خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا ئالاقىدار يېڭى قارارىنى ئېلان قىلدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا ئالاقىدار يېڭى «قارارى» ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى 19-، 20-ماي كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللانغان.
مەزكۇر قاراردا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاتالمىش «مۇقىملىق، ئەمىنلىك»نى ساقلاپ قېلىش، خەلقكە خىتاي مەدەنىيىتىنى، خىتاي كىملىكىنى ۋە كوممۇنىستىك ئىدىيەنى تېگىدىن سىڭدۈرۈش تەكىتلەنگەندىن سىرت، خىتاي رېجىمى يېقىندىن بېرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» مەسىلىسى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قاراردا ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»تىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار ۋە تۈرلەرنى قۇرۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەكلىكى، بۇ پىكىرنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە كەڭ دائىرىدە تارقىتىپ، جەمئىيەت ئاساسىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكى، شۇنداقلا بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، بۇ سىياسەتنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە غەربكە قارىتا قايتۇرما ھۇجۇمنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۆزىلا ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، خىتايلار نەچچە ئون يىللاردىن بېرى جار سېلىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلار قالاق» دېگەن ئىرقىي كەمسىتىش پىكىرىنىڭ پەردازلاپ ئاتىلىشى ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئالاقىدار تەشۋىقات ۋە قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىۋاتقان مەزكۇر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى زورلاپ تېڭىش قارا نىيىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

بۇ خەۋەر 848 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2021 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق