BBC: خىتاي سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلماقتا

BBC بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق نازارەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە يېڭى خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ھېس-تۇيغۇ ئانالىزىغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئىدراك ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسى سىناق قىلغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرنى قايسى تەرىقىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى ئورگانلىرىغا كەيپىيات، ھېس-تۇيغۇ پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى تەجرىبىخانىلاردىكى چاشقانلارغا ئوخشاش تەجرىبە نىشانى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ» دېگەن.
ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچىخانىلارغا كامېرا ئورنىتىش ھەققىدە توختىلىپ: «بىز كەيپىيات سېزىش كامېراسىنى كۆزىتىلگۈچىلەردىن ئۈچ مېتىر يىراقلىقتا قويدۇق. بۇ قارىماققا يالغان سۆزنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىغا ئوخشايدۇ، ئەمما بۇ تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكا. كەيپىيات ئانالىز تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەندە ساقچىخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇندۇقلىرىنى ئىشلىتىدۇ ۋە ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشىنىڭ پۇت-قوللىرى باغلاقلىق بولىدۇ» دېگەن.
ئىنژېنېر يەنە سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسىنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىيالايدىغان ۋە تەھلىل قىلالايدىغانلىقىنى، نەتىجىگە ئاساسەن گىرافىك ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە گىرافىكتىكى قىزىل رايونلارنىڭ سەلبىي ياكى بىئارام ھېس-تۇيغۇنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ھەتتا ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتسىزلا بىۋاسىتە ھۆكۈم قىلىشقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ «سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى» ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تەكرارلىغان.
كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داررېن بايلېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى سانلىق مەلۇمات يارىتىشتىن ئىبارەت. ھەممەيلەن يانفوننىڭ چوقۇم ئېلىپ يۈرۈشكە تېگىشلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر يانفون ئېلىپ يۈرمىسىڭىز، قولغا ئېلىنىسىز، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، دەپ ھېس قىلىدۇ» دېگەن.
كۆپىنچە سانلىق مەلۇماتلار «ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە مەشغۇلات سۇپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان كومپيۇتېر سىستېمىسىدا توپلانغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ سىستېمىنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلەرنى بايقىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي رېجىمى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئەزەلدىن سىر ئەمەس بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى تەتقىقات شىركىتى IPVM بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بايقاش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن چىراي تونۇش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئىسپات تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەسىلەن: خۇاۋېي ۋە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2018-يىلى 7-ئايدا سۇنغان پاتېنت ئىلتىماسىدا، چىراي تونۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەخسلەرنى مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ھەقتە BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ژۇرنالىست خۇ ليۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلەپ: «ئۆيدىن چىقىپ لىفىتقا قەدەم قويسىڭىز، كامېرا سىزنى كۆزىتىشكە باشلايدۇ. ھەممە يەردە كامېرا بار. مەن ئۆيدىن چىقىپ بىر يەرگە بارسام، تاكسىغا تېلېفون قىلىمەن، تاكسى شىركىتى سانلىق مەلۇماتنى ھۆكۈمەتكە ئەۋەتىدۇ. ئاندىن مەن بىر قەھۋەخانىغا بېرىپ بىر نەچچە دوستۇم بىلەن كۆرۈشىمەن، ئۇ يەردىمۇ دائىرىلەر قەھۋەخانىدىكى كامېرالار ئارقىلىق مېنىڭ ئورنۇمنى بىلەلەيدۇ. بەزى دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلاشقان ۋاقىتلارمۇ بولدى. ئۇلار مېنى بۇ ئادەملەر بىلەن كۆرۈشمەسلىكىم ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادىكى تەخمىنەن 800 مىليون كۆزىتىش كامېراسىنىڭ يېرىمى خىتايغا جايلاشقان.

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2021 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق