كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى

تەيۋەن بىرلەشمە خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنى 24-ماي باشلانغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. ھەر ئىككى كۈندە نۇرغۇن دۆلەتلەر تەيۋەننىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىكىر بايان قىلغان.
ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرى بېسېررا سۆزىدە: «كۆز ئالدىمىزدىكى نۇرغۇن خىرىس ئالدىدا دۇنياۋى ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق چوقۇم داۋام قىلىشى كېرەك. شۇڭا تەيۋەننى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.
كانادا سەھىيە مىنىستىرى پەتى ھايدۇمۇ: «دۇنيا خاراكتېرلىك يۇقۇم ۋە باشقا ئاممىۋى ساغلاملىق خىرىسلىرىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى، كەڭ قورساقلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ھېچكىمنى مەجلىستىن قالدۇرماسلىقى كېرەك» دېگەن.
ياپونىيە ۋەكىلىمۇ تەيۋەننىڭ يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە تەيۋەننىڭمۇ يىغىنغا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەجلىسى (WHA) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ، يىلدا بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىكەن. 2009-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، تەيۋەن ئۇدا سەككىز يىل كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن، 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇدا بەش يىل مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنمىغان.

بۇ خەۋەر 963 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2021 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق