تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توققۇز مىڭغا چىقتى (25-ماي)

25-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 9375 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 223 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 9375 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 693 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 175 كىشى قازا قىلىپ، 11192 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 45 مىڭغا، قازا قىلغانلار 46621 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1667 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 678 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2021 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق