تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم مۇھىم رەسمىيەتلىرى ئاسانلاشتى

شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى سەۋەبلىك، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ئايلانغان بويتاقلىق ئىسپاتى مەسىلىسى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ھەل قىلىندى.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇزۇندىن بېرى تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە ئەلچىخانىلىرىدىن كېرەكلىك ئىسپاتلارنى ئالالمىغانلىقى، ۋەتەندىكىلەر بىلەن ئالاقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى سەۋەبلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان بويتاقلىق ئىسپاتى تەييارلاش مەسىلىسى توي خېتى، نوپۇس ئىلتىماسى ۋە باشقا ئىشلارغا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن ئىدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولغان بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتىكى يېڭى قارارىنى ئۇقتۇرغان.
قاراردا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن بويتاقلىق ئىسپاتى ئالالايدىغانلىقى، بۇ ئىسپات ئارقىلىق بارلىق ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1444 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2021 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق