خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى يەنە بىر جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىندى

24-ماي ئىستانبۇلدا ساختا ئويۇن تور بېكىتى قۇرۇپ، قىمار ئالدامچىلىقى قىلغان ۋە شىفىرلىق پۇل ساتقان 115 خىتاي قاقتى-سوقتىغا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى باش ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
ئۈچ ئاي ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن ھەرىكەتتە ساقچىلار بىرلا ۋاقىتتا 20 ئادرېسقا باستۇرۇپ كىرىپ، 53 مىليون لىرا پۇل ۋە نۇرغۇن رەقەملىك ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە 24 كىشىنى قولغا ئالغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغان ۋە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان 91 خىتاي قۇتقۇزۇۋېلىنغان. جىنايەت گۇماندارلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبىسىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش ئىدارىسى ئورگىنىدىكى ھەرىكىتىدىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىلگەن.
بۇ يىل 3-ئايدا ئىستانبۇلدا شىفىرلىق پۇل ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايەت شايكىسى بىتچىت قىلىنىپ، 119 خىتاي قولغا ئېلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1073 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2021 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق