خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نامايىشتا گۇۋاھلىق بېرىلدى

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئائىلەم قەيەردە» نامىدىكى نارازىلىق نامايىشىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلدى.
ھەر كۈنى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشتا «خىتاي ھامان بىر كۈنى ھېساب بېرىدۇ»، «ئائىلىمىز قەيەردە؟» دېگەن پىلاكاتلارنى ۋە ئائىلىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختايلارنى كۆتۈرگەن خەلق «خىتاي، جازا لاگېرلىرىنى تاقا»، «ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىلسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.
بۈگۈنكى نامايىشتا مەھمۇد توختى ئەمىن ھاجىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرىپ تۈگىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى 30 نەچچە نەۋرىسى، بەش پەرزەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلالمىغانلىقىنى، ئەمما يېقىندا بىر ئوغلىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، يەتتە يىل كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر نامايىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا تۆت ئايدىن ئاشقان بولۇپ، كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرى ئالدىدىمۇ قەرەللىك نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

بۇ خەۋەر 892 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2021 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق