خىتاي بۇ قېتىم گېرمانىيە خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە گېرمانىيە خەلقىنى ئالداش مەقسىتىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىن ئۈرۈمچى ۋە بېرلىندا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنغا خىتاينىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ كېن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ» ئەمەلدارلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار قاتناشقان.
تور يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋۇ كېن: «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، كۆپچىلىكنى ئالدىدى. گېرمانىيەدىكى ھەر ساھە دوستلار ۋە زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.
يىغىندا جارۇللا ھېسامىدىنمۇ: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، تاشقى كۈچلەر شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى تور يىغىنىدا يەنە چىمەنگۈل سامساق، يۈسۈپجان ياسىنجان قاتارلىق ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا بىر قىسىم ئاتالمىش دىنىي زاتلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار: «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي تۇغۇت تىزگىنلەش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئەھۋالى يوق» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھازىرغىچە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئائىلەم قەيەردە؟» دېگەن ئاددىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ياكى تۈرمە، لاگېرلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلىق گۇۋاھلىقلىرىغا چۈشەنچە بېرىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1196 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق