ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى خىتاي رىقابەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رون ۋايدېن «ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سۈپىتىدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ماددىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە سودا مىنىستىرلىكى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇلتۇر ئېلان قىلغان بىرلەشمە دوكلاتى ئاساس قىلىنغان.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاي «بېلىقچىلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتىكى ئېغىر جىنايەتچى» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي بايرىقى ئېسىلغان خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى بېلىقچىلىق پاراخوتلىرى توغرىسىدىكى نۇرغۇن خەۋەرلەر تارقالغان.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن چاك شۇمېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ ھەپتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن. ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى تۈزىتىش ۋە تولۇقلاش توغرىسىدا نۇرغۇن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ مۇنازىرىنىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئۈچ مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان. ئەمما ئۆتكەن يىلى بىر مىليارد 600 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب پىرېزىدېنت تىرامپ يولغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2021 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق