ئىستىخبارات ئۇچۇرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئالاقىدار يېڭى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۈچ تەتقىقاتچىسىنىڭ 2019-يىلى نويابىردا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر ئىستىخبارات ئۇچۇرى تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن تېخىمۇ تەپسىلىي بولۇپ، ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىكى بىر نەچچە تەتقىقاتچىنىڭ 2019-يىلى كۈزدە كېسەل بولۇپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى نۆۋەتتىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە پەسىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن بىردەك ئىكەنلىكى، مەزكۇر تەجرىبىخانا ۋىرۇس ۋە باشقا كېسەللىك قوزغاتقۇچلارنى تەتقىق قىلىدىغان مەركەز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەجرىبىخانا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى پىششىق بىلىدىغان ھازىرقى ۋە سابىق ئەمەلدارلار بۇ ئۇچۇرلار ئاساس قىلىنغان دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئۇچۇرنى خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچى تەمىنلىگەن بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقتىمۇ مەزكۇر ئۇچۇر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ۋە دەلىللەشكە موھتاج ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىق نەزەرىيەسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئىزچىل ھالدا ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ۋىرۇس تەتقىقاتىغا ئالاقىدار ئەسلى مەلۇماتلار ۋە تەجرىبە خاتىرىسىنى ئورتاقلىشىشىنى توسۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 734 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق