خىتايلار سابىق پىرېزىدېنت تىرامپتىن زور مىقداردا تۆلەم تەلەپ قىلدى

سىپاتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە خەلقئارادا تارقىلىۋاتقان ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغانلىقى سەۋەبلىك ئەرز قىلىنغان بولۇپ، زور مىقداردا تۆلەم تەلەپ قىلىنغان.
تىرامپنى ئەرز قىلغۇچى ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» بولۇپ، «خىتاي ۋىرۇسى»، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دېگەن سۆزلەرنى قايتا-قايتا تىلغا ئالغانلىقى سەۋەبلىك سابىق پىرېزىدېنت تىرامپ ئۈستىدىن «تۆھمەت چاپلاش، روھىي زىيانغا ئۇچرىتىش» بىلەن ئەرز قىلغان.
ئەرزنامىدە: «تىرامپنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاسىيالىق ئامېرىكىلىقلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار سوتتىن تىرامپنىڭ ئامېرىكىدا ياشايدىغان ھەر بىر ئاسىيالىق ئامېرىكا پۇقراسىغا بىر دوللاردىن تۆلەم تۆلىشىگە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي تەلەپ قىلىنغان تۆلەم جەمئىي 22 مىليون 900 مىڭ دوللار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋىرۇسى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ، تېزلىكتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيگەن. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتاش كېرەكلىكىنى بىر نەچچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. قارشى چىققۇچىلار بۇنىڭ ئىرقچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، بۇ قاراشنى قوللىغۇچىلار نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ رايون نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ توغرا ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

-->