تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يەتتە مىڭغا چۈشتى (24-ماي)

24-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 7523كە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 216 مىڭ 655 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 7523 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 702 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 178 كىشى قازا قىلىپ، 10003 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 34 مىڭغا، قازا قىلغانلار 46446 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1745 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 629 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2021 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق