ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھاشار سىياسىتى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ ماڭماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ھاشارلارغا سالماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدە ئوخشاش رەڭلىك فورمىلارنى كىيىۋالغان، كۆپىنچىسى ئاياللاردىن تەركىب تاپقان 40-50 كىشىنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ، گۈرجەكلەرنى كۆتۈرگىنىچە ھاشار مەيدانىغا قاراپ ماڭغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
يەنە بىر سىندا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاقاسلىقتا كۆچەت تىكىش ئەمگىكىگە سېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئەمگەك مەيدانىغا تونۇر ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلارنىڭ يېتىپ-قوپۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن.
يەنە بىر سىندا بولسا بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم كېچىدىمۇ مەھەللە كومىتېتىغا يىغىلىپ، سىياسىي ئۆگىنىش قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇ كۆرۈنۈشلەر خىتاي رېجىمى ئىنكار قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، ھاشار ۋە يۇقىرى بېسىم سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كېچە-كۈندۈز، ئەر-ئايال، قېرى-ياش دېيىلمەستىن داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1681 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2021 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق