خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى دىققەت قوزغىماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى ياڭ جيېچى 24-ماي رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 16-نۆۋەتلىك خىتاي-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىنى باشلىغان.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە غەربنىڭ ئېمبارگولىرى ۋە چەتكە قېقىشىغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ ھەر ۋاقىت پۇرسەت ئىزدەپ، مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىغا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئالياسكا سۆھبىتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئارقىدىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا: «بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا قارشى تۇرىمىز» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گىيوپولىتىكىلىق ھۆكۈمرانلىق ئورنى ئاجىزلاپ، ۋىرۇس يۇقۇمى داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 19-ماي تور يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، پۇتىن يىغىندا: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىگە يەتتى» دېگەن. يىغىندا سۆز قىلغان شى جىنپىڭمۇ: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ۋىرۇسقا قارشى ھەمكارلىشىدۇ ۋە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1329 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2021 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق