لىتۋانىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىردى

تەيۋەن مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە خىتاينىڭ «1+17» ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن چېكىنىپ چىققان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىرغان.
لىتۋانىيە 2012-يىلدىن باشلاپ «1+17» ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لەندسبېرگىس 22-ماي خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «1+17» ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مېخانىزم خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان تەدبىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى 20-ماي مۇتلەق كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن، «ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى»نى توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، لىتۋانىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى بولسا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى ئىكەن.
لىتۋانىيە پارلامېنتى يەنە 20-ماي قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتىدىن ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 1064 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2021 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق