تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يەتتە مىڭغا چۈشتى (23-ماي)

23-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 7839 غا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 210 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 7839 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 710 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 197 كىشى قازا قىلىپ، 11202 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 24 مىڭغا، قازا قىلغانلار 46268 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1843 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2021 14:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق