خىتايغا قارشى يەنە بىر قانۇن تەكلىپى ئامېرىكا پارلامېنتىغا سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 20-ماي ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى جاسۇسلۇق ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللانغان شەخسلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدىغان يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«ئامېرىكىنى جاسۇسلۇقتىن قوغداش قانۇنى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر يېڭى قانۇن تەكلىپىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كىرۇز (Sen. Ted Cruz, R-TX)، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Sen. Marco Rubio, R-FL)، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋىكى خارتزلېر (Rep. Vicky Hartzler, R-MO)قاتارلىقلار ئورتاق سۇنغان بولۇپ، ئاساسلىق خىتاي نىشان قىلىنغان.
مەزكۇر قانۇن تەكلىپىگە ئاساسەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جاسۇسلۇق ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللانغان شەخسلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنىغا ئاساسەن يۇقىرىقى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ چېگرادىن قوغلانغانلار دەرھال قايتىدىن ۋىزا ئىلتىماسى سۇنالايدىكەن. مەزكۇر قانۇن تەكلىپى بولسا بۇ يوچۇقنى ھەل قىلالايدىكەن.
تېد كىرۇز بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا مەملىكەت خاراكتېرلىك جاسۇسلۇق ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇلتۇر خىتاينىڭ ھىيۇستوندا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى تاقىشى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى كونسۇلخانىلاردىن پايدىلىنىپ يامان غەرەزلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنى نازارەت قىلىشقا ئۇرۇنغان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قانۇن تەكلىپى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگىمۇ چېتىلىدىغان بولۇپ، جاسۇسلۇق ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ جۈپتى ۋە پەرزەنتلىرى بەش يىلغىچە ئامېرىكىغا كىرەلمەيدىكەن.

بۇ خەۋەر 988 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2021 20:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق