تۈركىيەدىكى تۈرلۈك يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان تىلغا ئېلىنماقتا

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مەجلىس ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئايلىق مەجلىس يىغىنلىرىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن.
21-ماي كۈنى بەيكوز رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 5-ئايلىق ئەڭ ئاخىرقى مەجلىس يىغىنىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى گۈلەي دېمىرەل خىتايغا قارشى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇش ئاستىدا دىنلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ بەيكوز مىللىي ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى چىقىپ، ھەر زامان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن ئاتاكۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئايلىق مەجلىس يىغىنىدا ئاتاكۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى جەمىل دەۋەجىنىڭ باشچىلىقىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، ئاق پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىغا ئورتاق قارشىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەمدە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاتاكۇم شەھەرلىك مىللىي ئىتتىپاق مەجلىسى ئەزالىرى يەنە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ رەھىمسىز سىياسەت ئاخىرلاشقۇچە ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1116 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2021 20:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق