خىتاي ئەپ دېتاللىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تىك توك (دوۋيىن) قاتارلىق 105 خىل ئەپ دېتاللىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز توپلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 21-ماي خىتاي تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى تىك توك، بەيدۇ قاتارلىق 105 خىل ئەپ دېتاللىرىدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز يىغىش ۋە ئىشلىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە مەزكۇر شىركەتلەرنى بۇ خىل ئەھۋالنى تۈزىتىشكە بۇيرۇغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جەمئىي 19 قىسقا سىن ئەپلىرى خىتاي تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تىك توك، كۇەيشوۋ قاتارلىق داڭلىق ئەپ دېتاللىرى بار ئىكەن. بۇ ئىككى خىل ئەپ دېتالىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولسا زۆرۈر پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىش، ئۇلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش... قاتارلىقلار ئىكەن. ئۇندىن باشقا 360 تور كۆرگۈچ ۋە مىكروسوفت بىڭ تور كۆرگۈچ قاتارلىق ئەپ دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 تور كۆرگۈچ ۋە 51 خىزمەت ئىزدەش ئەپ دېتاللىرى خىتاي تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئەپ دېتاللاردا ئابۇنىتلارنىڭ رۇخسىتىسىز مەخپىي ھالدا ئۇچۇر يىغىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بەيدۇ بۇ تىزىملىكتىكى بىردىنبىر تور قورالى تۈرىدىكى ئەپ دېتالى بولۇپ، ئۇنىڭدا تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاشتىن باشقا، يەنە قانۇنسىز ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش مەسىلىسى بار ئىكەن.
خىتاي تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ئالاقىدار ئەپ دېتال مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنى ئىچىدە تۈزىتىشنى تاماملىشى ھەمدە تۈزىتىش دوكلاتىنى ئەۋەتىشى كېرەكلىكى، ئەگەر مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىش تاماملانمىسا، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى، بولۇپمۇ كۈنسېرى مودا بولۇۋاتقان چىراي تونۇش سىستېمىسىنى خالىغانچە، قالايمىقان ئىشلىتىش كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
تەھلىلچىلەر گەرچە خىتاي تور باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن يوللار ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1057 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2021 19:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق