خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «گۇۋاھلىق» سىنلىرىنى كۆپلەپ تارقاتقان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا تەمىنلەنگەن بەزى ئۇچۇرلار سىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم سەۋەبلىك بۇ سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئالدىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى باياناتىنى ئەيىبلىگەن، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى ماختىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن سىنلار خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن كۆپلەپ تارقىتىلغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ سىنلارنى خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تارقاتقانلىقىنى دەۋا قىلىپ، تۈرلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا مەزكۇر سىنلارنى دەلىل سۈپىتىدە قوللانغان.
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىكى تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدا بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن قاراماي شەھىرىدىكى ئەمەلدارلارغا ئەۋەتىلگەن يازما ئۇچۇردا خىتايچىنى ئانا تىلىدەك سۆزلىيەلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى تېپىش ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيوغا قارشى بىر مىنۇتلۇق سىن ئىشلەش تەلەپ قىلىنغان. ئۇچۇردا «مەن پومپېيونىڭ جۇڭگوغا قارشى بايانلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن، مەن بۇ بايانلارغا غەزەپلەندىم» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق پومپېيونىڭ بايانلىرىغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، «مەن بىر جۇڭگو پۇقراسى، مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، بۇ يەردىكى خىزمىتىم ۋە ھاياتىمدىن خۇشالمەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىگە، خىتايغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلەپلەر يېزىلغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن بۇيان، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر خىتاي تارقىتىۋاتقان يېڭى سىنلارنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر گەرچە سىندا سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى بېسىم بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن بۇ خىل سىنلارنى تەلەپ قىلغانلىقىغا دائىر خەت ئالاقىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ بۇ ھەقتىكى سوئالغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى، سىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە ئەركىنلىكى بىلەن پومپېيوغا قارشى سۆز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى مەزكۇر ئۇچۇرنى فىردەۋس دىرىنوف (خىتايچە ئىسمى چېن خاۋيۈ) ئىسىملىك بىر ياشتىن ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ بۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا يوللىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە دىرىنوفنى «يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن قولغا ئالغان.

بۇ خەۋەر 1092 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2021 19:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق