شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغان غەربلىكلەر: زۇلۇم ھەر كۈنى مەۋجۇت

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىل تۇرغان غەربلىكلەر شەخسىي كەچۈرمىشلەرنى ئاشكارىلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمنىڭ ھەر كۈنى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىلىق جوش سامېرس (Josh Summers)، كانادالىق ئەر-ئايال گارى دايك ۋە ئاندرىيا دايك شەرقىي تۈركىستاندا ئون نەچچە يىل تۇرغان بولۇپ، ئۇلار «ئامېرىكا ئاۋازى»غا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى، ئۇيغۇرلارنى قانداق سىستېمىلىق باستۇرغانلىقىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جوش سامېرس 2006-يىلى ئايالى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئالدى بىلەن قارامايدىكى بىر مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشقان. ئۇيغۇر خەلقى ۋە مەدەنىيىتى ئۇلارنى جەلپ قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە جەمئىي 12 يىل تۇرغان.
ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2009-يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىشكە باشلىغان بولۇپ، ھەممە جايدا نازارەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان. 2016-يىلدىن كېيىن ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىكى تېخىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن. كوچىلاردا ساقچى بارغانسېرى كۆپەيگەن، ھەر بىر چوڭ يول ئېغىزىدا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغان، تۇرالغۇ رايونلىرىدا پەقەت بىرلا كىرىش ئېغىزى قويۇلغان. باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشلەردە ئۇيغۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنىپ، خىتايلار قويۇۋېتىلگەن. كېيىن خىتايلار «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرى مەيدانغا كەلگەن. ئىلگىرى ئادەملەرگە لىق تولىدىغان يېزا-بازار كوچىلىرى 2017-، 2018-يىللىرىغا كەلگەندە پەقەت ئاندا-ساندا ئادەم كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغان.
كانادالىق دايك ئائىلىسىمۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى، مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەھەللىلىرى چېقىلىشقا باشلىغانلىقىنى، دەسلەپتە ئىسلام قائىدىلىرى چەكلەنگەن بولسا، كېيىن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى، چەكلىمىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئۆزلىرىنى خۇددى غايەت زور تۈرمىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 974 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2021 18:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق