تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئون مىڭدىن ئاشمىدى (21-ماي)

21-ماي تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 9528 گە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 219 مىڭغا يېقىن كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 9528 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 845 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 214 كىشى قازا قىلىپ، 8852 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي تۆت مىليون 998 مىڭغا، قازا قىلغانلار 45840 قا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1977 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 951 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2021 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق