ياۋروپا پارلامېنتى 20-ماي بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلىتىش ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 20-ماي ئومۇمىي بېلەت تاشلاپ، خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىگە قاراتقان جازاسى مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدا، ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ھەر قانداق شەكىلدە ئويلىشىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قارار چىقارغان. مەزكۇر قارار 599 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 30 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 58 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللانغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى يەنە ياۋروپا كومىتېتىغا بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغاندا، خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، قاراردا يەنە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق شېرىكلەر بىلەن بولغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرىنىڭ خىتاي-ياۋروپا ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ توختىتىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
«خىتاي-ياۋروپا ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاي ئويلىمىغان يەردىن ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى ھەل قىلىنمىغان بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يول قويغان. شۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پىرىنسىپ جەھەتتىن «خىتاي-ياۋروپا ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئىمزالانغان.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى مەغلۇپ بولسا، بۇ خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بىر چوڭ ئوڭۇشسىزلىق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ كېلىشىمنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يەتتە يىل تىرىشقان. كېلىشىمگە ئاساسەن، ياۋروپانىڭ خىتايدىكى مەبلەغ سېلىش ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوغدىلىدىكەن. خىتايمۇ بۇ كېلىشىم ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئورنىنى ياخشىلايدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش تەدبىرىنى ۋە «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش نىزامنامىسى»نى كۈچەيتىشنى قوللايدىكەن.