دوكتور ئۇغۇر شاھىن: تۈركىيەگە 120 مىليون ۋاكسىنا ئەۋەتىمىز

خىتاي ۋىرۇسى ئىلمىي كومىتېتى 20-ماي كۈنى ۋاكسىنىنىڭ كۈنتەرتىپى بىلەن يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا بىيونتېك (BioNTech) ۋاكسىنىسىنى ياساپ چىققان پىروفېسسور، دوكتور ئۇغۇر شاھىنمۇ قاتناشقان. ئۇ ئىلمىي كومىتېت يىغىنىدىكى باياناتىدا، ئىيۇل، ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا تۈركىيەگە 120 مىليون تال خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەۋەتىش كېلىشىمىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېيتقان.
دوكتور شاھىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىلتىماس قىلىنغان ۋاكسىنىنى قانداق تۈگىتىش ھەققىدە مىنىستىر ئەپەندى پاراڭلاشتۇق. بىز تۈركىيە ئۈچۈن 120 مىليون ۋاكسىنا ئىمزالىدۇق. مەن ئىنتايىن خۇشال. چۈنكى بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 30 مىليون، 7-ئايدىن 8-ئايغىچە 120 مىليون تال ۋاكسىنا ئەۋەتىپ بولماقچىمىز. يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە گۇرۇپپىمىز جاپالىق ئىشلىدى، پىلانلار تۈزۈلدى. قايسى ۋاقىتتا قانچىلىق ۋاكسىنا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلدۇق. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيەگە ئەۋەتىش نىيىتىمىز بار، ئەنە شۇ ۋاقىتتا يۈزتۇرانە كۆرۈشەلەيمىز. تۈركىيەدە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشنى، تەتقىقات ۋە كىلىنىكا قىلىشنى خالايمىز. بىز ۋاكسىنىلارنى تۈركىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە خىتاي تۈركىيەنى ئاساسلىق ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ۋاكسىنا ئەۋەتىشنىڭ پىلان بويىچە تولۇق يەتكۈزۈلمەسلىكى تۈرلۈك گۇمانلارغا سەۋەب بولغان. خىتاي بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، خىتايدىكى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ۋاكسىنىنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن. دوكتور شاھىن ياساپ چىققان ۋاكسىنىنىڭ تۈركىيەگە ئەۋەتىلىشى تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋاكسىنىسىغا بولغان تايىنىشنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 1029 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2021 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق