قاراباغ مىللىي ئىتتىپاق مەجلىسى ئەزالىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ قاراباغ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى 20-ماي ئېچىلغان يىغىندا خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ چاقىرىق قىلغان.
مەزكۇر يىغىنغا جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ رايون باشلىقى مەھمەت تۈركباي، ئاق پارتىيەسىنىڭ رايون باشلىقى ياردەمچىسى ئەمرە كۈلەكچى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رايون باشلىقى ياردەمچىسى شابان چەلىك قاتناشقان.
يىغىننىڭ تەكلىپ-پىكىر قىسمىدا، ئۇيغۇرلار تارتقان زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكلەرگە دىققەت قوزغاش ئۈچۈن، مىللىي ئىتتىپاققا تەۋە پارلامېنت ئەزالىرى تەييارلىغان خىتابنامە ئوقۇلغان.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مەجلىس ئەزاسى تۇرابى بۈلەنت ئەمرە ئوقۇغان باياناتتا خىتاي رېجىمىنىڭ 2014-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەمدە زۇلۇم قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى، بۇ زۇلۇمنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن قاماقتا ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇستەقىل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
باياناتتا يەنە: «ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت نىڭ 39 ئەزاسى خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك، مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارشى تۈرلۈك جازا يۈرگۈزۈۋاتقان كۈنلەردە، تۈركىيەنىڭمۇ بۇ خەلقئارالىق تەشەببۇسلارنى ئاكتىپ قوللاپ، ھەتتا ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشىنى، بۇ مەسىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەر بىلدۈرۈلگەن ۋە قاراباغ شەھەرلىك مىللىي ئىتتىپاق مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەمدە بۇ رەھىمسىز سىياسەت ئاخىرلاشقۇچە ئۇيغۇر قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 1058 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2021 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق