ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى بايدېندىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ۋىكى خارتزلېر (Vicky Hartzler) ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى توم سۇزى (Tom Suozzi) 19-ماي «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى توسۇش قانۇنى» تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغان. تەكلىپتە شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى لاگېرغا قاماپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قىلمىشلىرىغا چېتىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. تەكلىپ سۇنغان ئىككى پارلامېنت ئەزاسى يەنە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىجرائىيە كومىتېتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن.
ۋىكى خارتزلېر بۇ ھەقتە قىلغان باياناتىدا: «بىز ئامېرىكىلىقلار تەڭرى بەرگەن پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ئىشىنىمىز. شۇڭلاشقا بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى قاراپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالالمايمىز. مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە كەڭ كۆلەملىك لاگېرغا سولاپ، ئېتىقادىدىن ۋەز كېچىشكە مەجبۇرلاش، باشقا ئېتىقادتىكى مىللەتلەرنى يوقىتىشنى پىلان قىلىشقىچە خىتاينىڭ قىلمىغانلىرى قالمىدى. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنى توسۇش قانۇنى بۇ خىل ۋەھشىي قىلمىشلارغا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىدۇ» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن پىرېزىدېنتتىن پارلامېنتقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ۋە توسۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەم باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيەلىك پىلان تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان.

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2021 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق